«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ تەھرىرى، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئولىمپىكىگە ۋاكالەتچى بولغان خەلقئارا شىركەتلەرنى تەنقىد قىلدى

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەھرىرى فرەد خايت 4-ئاپرېل ماقالە ئېلان قىلىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ۋاكالەتچى بولغان خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، ئىرقىي، ئېتنىك، جىنسىي باراۋەرلىكنى تەرغىب قىلىپ كەلگەن بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل بولمىغان. فرەد خايت «شىركەتلەر ھەقىقەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىگە ۋاكالەتچى بولۇشنى خالامدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، كوكا كولا، P%G، سامسۇڭ، ئىنتېل، دوۋ ۋە تويوتا قاتارلىق 15 خەلقئارالىق شىركەتنى تەنقىد قىلغان.

فرەد خايت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغانلىقى تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالدا «كولا كولا، ۋىزا، ھەممەباپ ئېلېكتر ۋە ئولىمپىك مۇسابىسىغا ۋاكالەتچى بولغان باشقا 12 شىركەت كېلەر يىلى 2-ئايدىكى مۇسابىقىنى ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئۆتكۈزەمدۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

ماقالىدە يەنە «بۇ شىركەتلەر بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، تۇغماسلىققا ۋە پاھىشىلىككە مەجبۇرلىنىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي باراۋەرلىكنى تەبرىكلىشىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشىمىزنى كۈتەمدۇ؟» دەپ كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە يەنە 10 ئاي قالغان بىر ۋاقىتتا بۇ شىركەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە «لاگېردىكىلەر قويۇپ بېرىلسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ ياشىشىغا يول قويۇلسۇن، تاشقىرىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بېرىپ سېنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭنى كۆرۈشىگە يول قويۇلسۇن، مۇسابىقىنى ئاندىن باشلايلى دېيىشى كېرەك» ئىكەن.