«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» 4-ماي كۈنى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئىنسان ئەركىنلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكى، شۇڭا ئۇنىڭ چەكلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئېلان قىلغان ئاز دېگەندە 10-قېتىملىق تەھرىرات ماقالىسىدۇر.
ماقالىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندەك خەلقنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ۋە ئېمبارگو قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ خەلقنى تەقىبلەيدىغان يۇقىرىقى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تەجرىبىخانىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ سىستېما يالغۇز ئۇيغۇر رايونىدا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيادا ئەركىنلىككە تەھدىت سالماقتىكەن. ماقالىدە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا تارقاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «بىرلەشمە جەڭ سۇپىسى» ناملىق نازارەت سىستېمىسى ھەققىدىكى دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭدا بۇ سىستېمىنىڭ پۈتكۈل خىتايغا كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي بۇ تېخنىكىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىۋاتقان بولۇپ، شۇڭا «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن تۈپ ئەركىنلىككە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەرقانداق كىشى بىئارام بولۇشى كېرەك» ئىكەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ يەردە بېسىشقا تېگىشلىك بەزى كونكرېت قەدەملەر بار. بۇ، خىتاينىڭ باستۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلىرىنى چەكلەش، ئۇنىڭ لايىھەلىگۈچىلىرىنى، جۈملىدىن شىنجاڭ پارتكومىنىڭ ھۆكۈمدارى چېن چۈئەنگوغا ئېمبارگو قويۇش، شۇنىڭدەك دۆلەت مەجلىسىنىڭ ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسەت قانۇنى›نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھىلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىش ۋە ماقۇللاشتۇر».
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسى ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى خورلاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش مەسىلىسىدە كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
