«ۋاشىنگتون پوچتىسى» : ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ قاباھەتلىرىنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ

ئامېرىكا ئوقۇرمەنلىرىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 15-ئىيۇن كۈنى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ قاباھەتلىرىنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينىڭ ماي ئېيىدا ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىغا رەددىيە تەرىقىسىدە يېزىلغان. سۈي تيەنكەي ئۆز باياناتىدا «شىنجاڭدا ئۆتكەن 20 نەچچە يىل مابەينىدە كۆپ قېتىملاپ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمىتىمىز تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى دۈشمەن كۈچلەر بولسا نۆۋەتتە شىنجاڭدا قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ، دېمەكتە. بۇ پۈتۈنلەي ئىغۋا» دېگەن. شۇنداقلا ئۆتكەن 40 يىلدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 10 ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى بۇنىڭغا مىسال قىلغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ تەھرىرات ماقالىسىدە بۇنىڭغا رەددىيە بېرىلىپ، نۆۋەتتە ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ بولغانلىقى، بۇنىڭغا يانداشتۇرۇلۇپ مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى دېگەنلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ. شۇنداقلا تەتقىقاتچى ئادريان زېنزنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى كونترول قىلىش، ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ ماكانلاشتۇرۇش قاتارلىق چارىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ تېز ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

ماقالىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئىمزا قويغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» دىكى ئالاقىدار ماددىلار ۋە «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتى ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ «مەيلى خىتاي رەھبەرلىرى بۇنى قانچىلىك ئىنكار قىلسۇن، ئۇلارنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشىغا ھېچقانداق ئىمكان قالمىدى» دەپ كۆرسىتىدۇ.