خوڭكوڭ پوپى ۋاتىكاننى خىتايغا «سېتىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن
2018.01.31
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى باش پوپ جوسېف زېن دۈشەنبە كۈنى ۋاتىكاننى «خىتايغا سېتىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ ۋاتىكاننىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ھەرقايسى چېركاۋلاردىكى پوپلارنى پېنسىيىگە چىقىشقا زورلاۋاتقانلىقىنى، يەنى بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تاللىغان پوپلارغا ئورۇن بىكارلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، فېيسبۇك تورىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، ۋاتىكاندىن كەلگەن بىر ھەيئەتنىڭ يېقىندا خىتايدىكى پوپلاردىن پېنسىيىگە چىقىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ۋاتىكاندىكى باش پوپ فرانچىسقىمۇ يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە «مەن ۋاتىكاننى خىتايدىكى كاتولىك چېركاۋلىرىنى سېتىۋەتتى قارامدىم؟ ئەگەر ۋاتىكان يېقىنقى ۋاقىتتىكى بۇ ھەرىكەتلىرىگە داۋام قىلىدىغانلا بولسا مەن شۇنداق دەپ قارايمەن» دېگەن.
بىراق ۋاتىكان بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا پوپ زېننىڭ ئىسمىنى ئېنىق تىلغا ئالماي تۇرۇپ، چىققان خەۋەرلەرنىڭ مۇنازىرە ۋە ئىككىلىنىشلەرنى ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ۋاتىكان بىلەن خىتاي 1951 -يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە ۋاتىكان بىلەن خىتاينىڭ خىتاي ئىچىدىكى چېركاۋلارغا پوپ بېكىتىشتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئىلگىرىكى يىللاردا ۋاتىكان بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى چېركاۋلارغا پوپ بېكىتىشتە زىددىيەتلەشكەن بولسا ئەمدىلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ بۇ نۇقتىدا كېلىشكەنلىكى ۋە خىتايدا 100 دىن ئارتۇق چېركاۋ پوپىنىڭ خىتاي قوللايدىغان كىشىلەردىن تاللىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا ۋاتىكاننىڭمۇ رازى بولغانلىقى مەلۇم بولغان.