لاگېرلاردىكى مىسلىسىز ۋەھشىيلىكلەر «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە تەپسىلىي كۆرسىتىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ ئومۇملاشقان لاگېر سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخنىكا ئۆگىتىپ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئاسانچىلىق يارىتىدىغان «تەربىيەلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى داۋراڭ سېلىپ كەلگەنىدى. يېقىندا نامەلۇم تور خاككېرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ساقچى سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا كىرىش ئارقىلىق قولغا چۈشۈرگەن غايەت زور ساندىكى ساقچى ھۆججەتلىرى بۇ لاگېرلاردىكى ۋەھشىيلىكلەرنىڭ تاشقى دۇنيادىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ نەچچە ئون ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ناھايىتى تەپسىلىي ۋە جانلىق سۈرەتلەپ بەردى.

BBC ئاگېنتلىقىنىڭ 24-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم قولغا چۈشۈرۈلگەن ساقچى ھۆججەتلىرىنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» مەخسۇس ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ رەتلەپ چىققان ھەمدە مەخسۇس قۇرۇلغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» (https://www.xinjiangpolicefiles.org) ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلغان. بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم قولغا چۈشۈرۈلگەن ساقچى ھۆججەتلىرىدىكى تۇتقۇنلار قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى كىشىلەر بولۇپ، بۇلار 2018-يىلىدا تۇتقۇن قىلىنغانىكەن. «كۇرسانت» دەپ ئاتالغان بۇ تۇتقۇنلارنىڭ سانى 3700 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 15 ياش، ئەڭ چوڭى 75 ياش ئىكەن. ئەمما تۇتقۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 18 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىكەن. تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ سەۋەبى كۆپىنچە «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ قىلىنغان. دوكتۇر ئادريان زېنز بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ سان پۈتۈن ناھىيەدىكى ئاھالە سانىنىڭ ئون پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

كونىشەھەردىكى مەزكۇر لاگېردا تەخمىنەن ھەر 10 تۇتقۇنغا بىر ساقچى توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ساقچىلارغا لىق ئوق بېسىلغان ئاپتومات ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەر تارقىتىپ بېرىلگەن. ساقچىلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن خىزمەت قائىدىلىرىنىڭ بىر ماددىسىدا «قېچىشقا ئۇرۇنغان كۇرسانتلار ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئېتىلغاندىن كېيىن توختىمىسا ئۇلارنى ئېتىۋەتسەڭلار بولىدۇ» دېيىلگەن. يەنە بىرىدە بۇ لاگېر ئۈچۈن ئالدىنئالا 400 يۈرۈشتىن ئارتۇق كويزا-كىشەن ۋە قارا خالتا تەييارلانغانلىقى، ھەر بىر «كۇرسانت» نى يۆتكىگەندە بۇلارنى تولۇق ئىشقا سېلىش بىلەن بىرگە ھەربىر كىشىنى تۆت ساقچى يالاپ مېڭىشى لازىملىقى، «كۇرسانتلار» نى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش توغرا كەلگەندىمۇ مۇشۇ قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈش لازىملىقى ئېيتىلغان. بۇ خىل بەلگىلىمىلەر ئادەتتە ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك قائىدىلىرى ئىجرا قىلىنىدىغان تۈرمىلەردىلا مەۋجۇت بولۇپ، لاگېرلارنىڭ قانداق شەكىلدىكى «مەكتەپ» ئىكەنلىكىنى جانلىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەر ئۈچ مىڭغا يېقىن تۇتقۇننىڭ فوتو سۈرىتى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ لاگېرلاردا قانداق «خىزمەت» قىلىدىغانلىقى ھەققىدە نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەر، لاگېرلارنى ئىدارە قىلىشقا دائىر «قەتئىي مەخپىي» دەپ نام قويۇلغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلغان بولۇپ، بۇلارنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ بەدەنلىرى شۈركۈنۈپ كېتىدىكەن. بولۇپمۇ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ بۇ ھەقتىكى كۆرسەتمىلىرى، ساقچىلارنىڭ خىزمەت قائىدىسى ھەققىدىكى ھۆججەتلەر، «دەرسخانا» دا قانداق ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساسىي جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى تارتقان فوتو سۈرەتلەردە تولۇق ئەكس ئەتكەن.

نۆۋەتتە بۇ ھۆججەتلەر تولۇقى بىلەن تورغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ۋە ئىنكار قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئۇرۇلغان كۈچلۈك بىر تەستەك، دەپ قارالماقتىكەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بېئاربوك (Annalena Baerbock) بۇ ھەقتىكى سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ: «شىنجاڭ ھەققىدىكى سۈرەتلەر ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى شۈركەندۈرىۋېتىدۇ. شۇنداقلا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىز ئاڭلاپ كەلگەن گەپ-سۆزلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبىتىمدە بۇ مەسىلىنى مەخسۇس ئۇنىڭدىن سورىدىم» دېگەن.