16 - دېكابىر كۈنى خىتاي دۆلىتى ساھىبخانلىقىدا جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا تور يىغىنى» دا خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ دۇنياۋىي خاراكتېرلىك تور باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شۇ ئارقىلىق بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ تور دۇنياسىدىكى جىنايەتلەر ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىجابىي رولى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق يىغىنغا دۇنيادىكى داڭلىق كۆپلىگەن شىركەتلەر جۈملىدىن، مىكروسوفت، IBM، ئالما، بەيدۇ قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا پاكىستان پرېزىدېنتى مەمنۇن ھۆسەيىن ھەمدە رۇسىيە ۋە قازاقىستاننىڭ دۆلەت مەمۇرلىرى قاتناشقان.
رويتېرس ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن روسېئان رايىف بۇنى تەنقىدلەپ «خىتاي دائىرىلىرى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ تور بەلگىلىمىلىرىنى قايتا يېزىپ چىقىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ ئارقىلىق ئۇلار تور سۈزگۈچلۈكى ۋە كۆزەتكۈچىلىكىنى ھەممىلا جايدا بىر تۈرلۈك نىزامغا ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئالما، گۇگل، فېيسبۇك، لىنكېدئىن، مىكروسوفت قاتارلىقلار جەزمەن خىتاينىڭ مۇتىھەملىك ئاساسىدىكى تور باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى رەت قىلىشقا تەييارلىنىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
شى جىنپىڭ ھاكىمىەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن 2013 - يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تور باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مەركەزلەشتۈرۈپ كونترول قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا مۇشۇ سەۋەبتىن خىتايدا فېيسبۇك، تۋېتتېر، گۇگل قاتارلىقلارنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.