8-ئاينىڭ 26-كۈنى، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۈەن كاتتىباشلىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇ رايوندا يولغا قويۇپ كەلگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنىدى.
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» ، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 29-ئاۋغۇست كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە «شى جىنپىىڭنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش چوڭ يىغىنى» ئېچىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۈەن پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي يىغىندا سۆز قىلىپ، «شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ چوڭ ئىشىمىز ۋە ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىمىز» دېگەن.
ما شىڭرۈي بۇ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، قانۇننى قورال قىلىش، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن مۇقىملىقنى كۈچەيتىشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە دائىملاشتۇرۇش، ھەممىنى تېگىدىن تۈزەش، يىلتىزىدىن داۋالاشنى كۈچەيتىش» دېگەن تەلىماتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، «مىللىي رايوندىكى كادىرلارغا قويۇلىدىغان 4 ئالاھىدە تەلەپ بويىچە كادىرلار قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، كادىرلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەرنى تۈزەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش» قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يەردە «4 ئالاھىدە تەلەپ» دېگىنى خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، ھەق-ناھەق قارىشى ئېنىق بولۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىشتە مۇستەھكەم بولۇش، ھەر مىللەتنى قىزغىن سۆيۈشتە راستچىل بولۇش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ تەلەپكە يەتمىگەنلەر لاياقەتسىزلەر، ياكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» ھېسابلىنىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر كادىرلىرىنى «ئىككى يۈزلىمىچى» قالپىقى كەيدۈرۈپ جازالاش، چېن چۈەنگو دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھەرىكەت بولۇپ، قايسى كادىرنى جازالاش تامامەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ رايىچە بولۇپ كەلگەن. ھەتتا خىتايغا ئەڭ سادىق دەپ قارالغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىمۇ «ئىككى يۈزلىمىچى» بولۇپ جازالىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانىدى. ما شىڭرۈينىڭ بۇ سۆزنى قايتا تەكىتلىشى ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ يەنە بىر مەيدان تازىلاش ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىكەن.