ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتتىن بېشارەت بەرمەكتە

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-ئومۇمى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» 5-مارت كۈنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جەرياندا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتنىڭ ئومۇمىي نىشانى ھەققىدە بەزى قارارلار ئېلىنغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي سېكرېتار چېن چۇەنگو ئۆمەك باشلىقى بولغان مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆمەك يىغىنى ئاچقان. چېن چۇەنگو سۆز قىلىپ خىتاي باش مىنىستىرى لې كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمى بېكىتىپ بەرگەن سىياسىي پرىنسىپ ئۆلچىمى ۋە تۈپلۈك سىياسىي قائىدىلەرنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك سىياسىي مەۋقە، سىياسىي پرىنسىپ ۋە ۋە سىياسىي يۆنىلىشتە بېيجىڭ بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلايمىز،» دېگەن.

يىغىندا ئۆمەك ئەزالىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر ۋە بىڭتۇەننىڭ قوماندانى سۇن جىنلوڭمۇ پىكىر بايان قىلىپ، «شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۇتۇقلارنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرىمىز،» دېگەن.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «چېن چۇەنگونىڭ بۇ خىل بايانلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىدىغان باستۇرۇشلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن بېرىلگەن بېشارەت،» دېدى.