«خىرىستال كېچە» خاتىرە كۈنىدە يەھۇدىيلار ۋە ئۇيغۇرلار دۇنيانى ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى

9- ۋە 10-نويابىر كۈنلىرى، 1938-يىلى ناتسېستلار گېرمانىيەسىنىڭ ئەسكىرى ساقچى كۈچلىرى يەھۇدىيلارغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ھەم تۇتقۇن قىلغان دەھشەتلىك «خىرىستال كېچە» نىڭ خاتىرە كۈنىدۇر.

ئەنگىلىيەدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» بۇ كۈن مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ 83 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توخىتىتىش ھەرىكىتى» نىڭ دېرىكتورى رەھىمە مەھمۇت خانىم باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مەۋجۇتلۇق خەۋپىگە ئۇچراشنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دۆلەت تېرورلۇقى، يوقىرى بېسىملىق نازارەت ۋە جازا لاگېرلىرىغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاللىدى. خەلقئارا جامائەت ئۇيغۇرلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ بىرلىكتە دۇنياغا قىلىۋاتقان خىتابىنى ئاڭلىشى كېرەك-سىلەر ھەرىكەتكە ئۆتمىگۈچە، ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن بۇ ۋەدە پەقەتلا قۇرۇق شوئار بولۇپ قالىدۇ، خالاس.»

9-نويابىردىكى «خىرۇستال كېچە» خاتىرە كۈنىدە «دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئەزالىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ۋە لوس-ئانژېلىستا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش تەشكىللىگەن. ۋاشىنگتوندىكى نامايىشقا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىمۇ قاتناشقان بولۇپ، نامايىشتا ئۇلار دۇنيانى ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى، تارىختا يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.

مەلۇمكى، تارىختا «خرۇستال كېچە» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بۇ ۋەقە 1938-يىلى 9-10-نويابىر كۈنلىرى يۈز بەرگەن. يەنى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ئەسكىرىي ۋە ساقچى كۈچلىرى ھەمدە ناتسىستلارنى قوللايدىغان گېرمان پۇقرالىرى شۇ كۈنى يەھۇدىيلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاپ-تالىغان، بۇ جەرياندا نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۆلتۈرۈلگەن. ئىككى كۈندۈز، بىر كېچە داۋام قىلغان بۇ زوراۋانلىق ھۇجۇملاردا گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ 1000 دىن ئوشۇق ئىبادەتخانىسى (سىناگوك)، 7500 دىن ئوشۇق ئىش-تىجارەت ئورنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ۋە كۆيدۈرۈلگەن. يەھۇدىيلارنىڭ مەكتەپلىرى، دوختۇرخانا ۋە مازارلىقلىرى ۋەيران قىلىنغان. 16 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان 30 مىڭ ئەتراپىدا يەھۇدىي ئەرلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان. ئەينى چاغدا گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان بۇ ۋەقە تارىختا «خرۇستال كېچە» دەپ ئاتالغان.