خىتايدا ئامېرىكاغا كىم پىرېزىدېنت بولمىسۇن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ياخشىلانمايدۇ دېگەن قاراش ھۆكۈم سۈرمەكتىكەن

ئامېرىكا پۇقرالىرى 5-نويابىر كۈنى ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاپ، كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنى سايلايدۇ. نۆۋەتتە سايلام ئىشلىرى ئاخىرقى رىقابەت باسقۇچىغا كىرگەن بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا جۇمھۇرىيەتچى ياكى دېموكراتچى نامزاتلارنىڭ قايسىسى ئۇتمىسۇن، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشىدا يەنىلا چوڭ ئۈمىد يوق، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىغا دائىر خەۋەرلەر كىشىلەرگە بۇ خىل تەسىراتنى بەرگەن. خەۋەردە بۇنىڭغا خىتايدىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەردىن تارتىپ ئادەتتىكى ئاۋام پۇقرالارغىچە بولغان كەڭ ئاممىدا، ئامېرىكاغا مەيلى كىم پىرېزىدېنت بولمىسۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئورتاق پىكىر بىرلىكى بار، دېگەن قاراش سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

CNN نىڭ ئېيتىشىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا كىشىلەرنىڭ «سايلامدا كىم ئۇتۇپ چىقمىسۇن، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلانمايدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتسە؛ يەنە بەزىلەر «ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى ئىزچىللىقى كەلگۈسىدە ھەر قانداق چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشىغا بېسىم پەيدا قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. خەۋەردە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت سايلىمىغا ئاشكارا باھا بېرىشتىن ئېھتىيات قىلسىمۇ، ئەمما ترامپنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تېخىمۇ ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى؛ ئۇنىڭ بارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى؛ بېيجىڭنىڭ سىياسەت چەمبىرىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەرنىڭ ترامپنى كامالا خاررىسقا قارىغاندا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تېخىمۇ كەسكىنلىك پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

CNNنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر كامال خاررىس سايلانسا پىرېزىدېنت بايدېننىڭ يولىنى تۇتۇپ، خىتاينىڭ تېخنولوگىيە ۋە ھەربىي تەرەققىياتىغا بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي بىلەن بولغان ئالاقە ۋە دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەردە، بىر خىتاي مۇتەخەسسىسىنىڭ كامالا خاررىس ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە «جىددىيلىك، سۈركىلىش، مەلۇم دەرىجىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ كېلىدۇ»، ھالبۇكى تىرامپ «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ چوڭ رىقابەت ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.