ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ يادرو قورالى جەھەتتىن تەھدىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق يادرو قوراللىرى ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا يادرو قوراللىرى تەھدىتىنىڭ يەنىلا بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ كېلىشىملەرگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ سانىنى ئازايتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى يادرو قوراللىرى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە خىتاي، رۇسىيە، شىمالى كورېيە ۋە ئىراننى يادرو قوراللىرى تېخنىكىسى جەھەتتە تەھدىت يارىتىۋاتقان مەملىكەتلەر دەپ ھېسابلىغان ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان بۇ تەنقىدىگە قارىتا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاينى يادرو قوراللىرى جەھەتتىكى تەھدىت دەپ قارىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ يادرو تېخنىكىسىنىڭ پەقەت دۆلەت بىخەتەرلىكى ئېھتىياجى ئۈچۈنلا تۆۋەن سەۋىيىدە ئىكەنلىكى، باشتىن ئاخىرى ئالدىدا يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا ئامېرىكىنى «سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى» قارىشىدىن يېنىشقا دەۋەت قىلغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى 31-يانۋار كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا خەلقىگە سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتاينى «ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتىگە خىرىس قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رەقىب»، دەپ ئاتىغان ئىدى.