شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئىلگىرى ئاتوم سىنىقىغا قاتناشقان ئەسكەرلەر تۇرمۇش پۇلى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى
2013.04.16
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئىلگىرى ئاتوم سىناقلىرىغا ۋە خىتاي، ۋيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر 15-ئاپرېل كۈنى ئۆلكىلىك پارتكوم بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن ئۇلارغا بېرىش ۋەدە قىلىنغان تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى ئۆلكىلىك پارتكوم بىناسى ئالدىغا يىغىلغان ئەسكەرلەر مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى 17 شەھەردىن يىغىلغان. ۋەقەنىڭ كېڭىيىشىدىن ئەنسىرىگەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى زور تۈركۈمدىكى ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن بىر ئەسكەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم نامايىشقا قاتناشقانلار ئىلگىرى خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىناقلىرى ۋە ۋيېتنام سوقۇشىغا قاتناشقانلار بولۇپ، 2007-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىزمەت كۆرسەتكەنلەر دەپ ئەنگە ئېلىپ، ھۆكۈمەتتىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەمما شەندۇڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ياردەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكى ئەسكەرلەرنىڭ بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشىغا سەۋەب بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئاتوم سىناقلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدىكى 47 قېتىملىق ئاتوم سىنىقى تەكلىماكان ئەتراپىدىكى ناھىيە، ۋىلايەتلەردىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە كېسەللىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولغان. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى توسمىغانلىقى ھەمدە ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان يەرلىك خەلقلەرگە ھېچقانداق تۆلەم پۇلى بەرمىگەنلىكى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.