خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا تەھدىت ئامىلى سەۋەب بولمىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئاقلاپ كېلىشى، ئەمما ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي بۆھراننى تەستىقلىغۇچى كۆپلىگەن ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە.

ئەنگلىيەدىكى «دۆڭ ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 27-ئاۋغۇستتىكى سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تەھدىت ئەمەسلىكى، بەلكى ئۇلاردىكى قىسمەن «ئۆزگىچە» ئەھۋالنى خىتاي ھۆكۈمىتى «تەھدىت» دەپ بېكىتىۋالغانلىقى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، مانجۇ مىللىتى خىتاينى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئالىملار «خىتاي تۈركىستانى» دەپ ئاتىغان بۇ رايوننى قوراللىق ئىشغال قىلغان. ئەمما 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى قېتىم خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن سىرغىپ چىقىپ مۇستەقىل «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى جاكارلىغان. 1950-يىلى خىتاي بۇ رايوننى رەسمىي يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلىۋالغاندا بۇ جايدىكى خىتايلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ ئالتە-يەتتە پىرسەنتىنىمۇ ئىگىلىيەلمىگەن. ئەمما ھازىر بۇ سان ئومۇمى نوپۇسنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغان.

ماقالە ئاپتورى مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى «ئەجنەبىيچە» ئالاھىدىلىكلەرنى يوقىتىپ، بۇ رايوننى «خىتايچە» ئالاھىدىلىككە ئىگە «سادىق رايون» غا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا بولغان نارازىلىقىنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىنى، 1990-يىللاردا، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە زور سۈركىلىشنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى، ھەتتا بومبىلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرىنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل نارازىلىقنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن زور كۆلەملىك نازارەت مېخانىزمى ۋە لاگېر سىستېمىسى بارلىققا كەلگەن. ئەمما ھەقىقەتتە بولسا ئۇيغۇرلار خىتايلارنى پاتقۇزماسلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلار دۇچ كەلگەن رېئاللىققا بولغان قاتتىق غەزەپ سەۋەبلىك قوزغىلىپ چىقماقتا ئىكەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار بۇ رايونغا توختاۋسىز كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىدىنمۇ نامرات بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقنىڭ ئالامەتلىرىگە نەشتەر ئۇرۇشنىڭ ئورنىغا، مۇشۇ خىل نارازىلىققا سەۋەب بولغۇچى ئامىللار ھەققىدە ئوبدانراق پىكىر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.