خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تۈركىيەنىڭ خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئەيىبلىشى «ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ»، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭ لى مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە كۆرۈلىدىغان ئۇقۇشماسلىق ۋە زىددىيەتلەرنىڭ دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، قارشى تەرەپنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇل ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ سۆزىدە: «ئەگەر سىز ئىجابىي بولمىغان ئۇسۇلنى تاللىسىڭىز، ئۇ ھالدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىشەنچ، چۈشىنىشكە تەسىر يېتىپ، نەتىجىدە بىزنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزگە زىيان بېرىدۇ» دېگەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2 يىللىق سۈكۈتتىن كېيىن، ئاخىرى ئۆتكەن ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغان ئىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ 25-فېۋرال كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا تۈركىيەنىڭ مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلار بىلەن بىگۇناھ ئىنسانلارنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەك» دېگەن.
تۈركىيەنىڭ مەيدانى خىتاينى قاتتىق نارازى قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇكاڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا تۈركىيەنىڭمۇ تېررورلۇق تەھدىتى ئاستىدىكى دۆلەتلىكىنى پەش قىلىپ، «ئەگەر تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ‹ئىككى خىل ئۆلچەم› قوللانسا، ئۇ باشقىلارغا زىيان سېلىش بىلەن تەڭ ئۆزىگىمۇ زىيان سالىدۇ» دېگەن.
خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭ لى بۈگۈنكى سۆزىدە بولسا تۈركىيەنى ئىقتىساد ئارقىلىق تەھدىت قىلىپ، «ياخشى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل» دېگەن.
