ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كومپارتىيە ئەمەلدارى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، پارىخورلۇق ۋە چېرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى شۆ بېنلەيگە دېلو تۇرغۇزۇلغان.
شۆ بېنلەي 1986-يىلى ھەربىيلىكتىن ئالمىشىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىخو، قوبۇقسار ناھىيەلىرىدە ۋە چۆچەك شەھىرىدە يېزا باشلىقى، ئىدارە باشلىقى، ناھىيە پارتكوم سېكرېتارى، ۋىلايەتلىك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتكوم سېكرېتارى، ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان.
ئۇ، بۇ يىل 4-ئايدا تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغان بولۇپ، 5-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شۈ بېنلەيگە دېلو تۇرغۇزغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، شۆ بېنلەي سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، پارا ئالغان، ئاممىنىڭ پۇلىنى چۆنتىكىگە سالغان. ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ مال مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى مەجھۇلكەن.
شۆ بېنلەينىڭ دېلوسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى لى جى 23-ئىيۇن چىڭخەينىڭ شىنىڭ شەھىرىدە سوتلىنىپ، «جىنايىتى» نى ئۈستىگە ئالغان كۈنى ئېلان قىلىندى.
