ئۇيغۇر رايونىدا يەنە ئىككى ئەمەلدار خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ خىزمىتىدىن توختىتىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ خىزمىتىدىن توختىتىلغان ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇلغان.

خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، قۇمۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جياڭخۇا بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ خوڭيۈەن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، مەمۇرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

خەۋەردە، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بۇ ئىككى ئەمەلدارغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىككى خىتاي ئەمەلدارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، كادىر تاللاش، ۋەزىپىگە قويۇش، ئۆستۈرۈش ئىشلىرىدا، كارخانا تىجارەت ئىشلىرىدا باشقىلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ نەپ ئالغانلىقى، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك ئىشلىرىغا قول تىقىپ، پايدا تاپقانلىقى ۋە باشقىلار بىلەن نالايىق جىنسىي ئالاقىدە بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە يەنە، ۋاڭ جياڭخۇانىڭ باشقىلارنى ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆي سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاش، شۇ خوڭيۈەننىڭ تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پايدا تاپسا سۈكۈت قىلىش، پايچەك بازىرىغا چىقمىغان شىركەتنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىپ، قائىدىگە خىلاپ پايدا تېپىش، كىشىلەرنىڭ ئالتۇن ۋە باشقا قىممەتلىك سوغا-سالاملىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2012‏-يىلى خىتاي مىقياسىدا خىيانەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت باشلاپ، نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى جازالىغان.

ئەمما كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونى خىيانەتچىلىك ئېغىر رايون بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر سىياسىي مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرىغا ناھايىتى ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلماقتىكەن.