خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى چوڭ سۇ-ئىنشائات قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ئالتاي تاغلىرىنىڭ قار سۈيىنى يەر ئاستى تونېل ئارقىلىق جۇڭغارىيەگە باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بۇ قۇرۇلۇش، 2021-يىلىدىن بېرى ئالتاي تاغلىرىدىن كەلگەن يەر ئاستى سۇ بەك چوڭ، سۇ بېسىمىنىڭ بەك كۈچلۈك بولۇشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كاشىلىغا ئۇچراپ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش ۋاقتى كېچىككەنىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەرلىرىدە، 1000 كىلومېتىرلىق بۇ يەر ئاستى سۇ تونېلى، ئالتاي تاغلىرىنىڭ قار سۈيىنى جۇڭغار ئويمانلىقىغا باشلىسا، بۇ رايوننىڭ دېھقانچىلىق ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقى، تېخىمۇ كۆپ نوپۇسنىڭ ياشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر يەر ئاستى سۇ تونېلى قۇرۇلۇشىدىكى قىستاڭچىلىق ۋە باشقا كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللانماقتىكەن. خەۋەردە، سۈنئىي ئەقىل ماشىنىلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى قايتا جانلاندۇرغانلىقى، بۇ تېخنىكىنىڭ رايوندىكى يەر ئاستى قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىشتە كەڭ قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىنماقتا. «ئېرتىش-جۇڭغارىيە يەر ئاستى سۇ تونېلى» قۇرۇلۇشى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رايوندا داۋاملىشىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختىتىش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش بېسىملىرىغا قارىماي، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى، بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا قايتا تېزلىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئېرتىش دەرياسىغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىشى، رۇسىيە بىلەن قازاقىستاننى بىئارام قىلسىمۇ، بىراق ھازىرچە ئۇلار بۇنى كۆرمەسكە سېلىپ، دىققىتىنى خىتاي بىلەن بۇلغان باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ كەلمەكتىكەن.