ئىشچى، دېھقان ۋە ئەسكەردىن تەركىب تاپقان مىڭلىغان ئەرزدار بېيجىڭغا توپلاندى
2013.05.21
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەنشى، چېڭدۇ، لەنجۇ، گۇاڭجۇ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلار، تاكسى شوپۇرلىرى ۋە يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقان ئەرزدارلاردىن 2000 دىن ئارتۇق كىشى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭدىكى مەركىزى ھەربىي كومىتېت ۋە خىتاي مەركىزى ئەرزىيەت ئىشخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان.
رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20-ماي دۈشەنبە كۈنى خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتى ئالدىغا يىغىلغان ئەرزدارلار ئىچىدە 1000 دىن ئارتۇقى تاكسى شوپۇرلىرى ۋە يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار بولسا، يەنە 1000 دىن ئارتۇقى ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار بولۇپ، ئۇلار دائىرىلەردىن ياشانغانلىق سۇغۇرتىسىنى، ئۆيى چېقىلغان دېھقانلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلنى ۋە ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.