ماقالە: خىتاي ئارمىيەسى ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇنتۇشتا مەغلۇپ بولدى
2013.04.20
«دىپلومات» تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭغا نەزەر» ناملىق ماقالىدە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇنتۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقى كۆرسىتىلدى.
ماقالىنى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋە مىللىي سىياسەتنى تەتقىق قىلىدىغان گراھام ئادامس ئىسىملىك تەتقىقاتچى يازغان.
ماقالىدە 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش تېررورچى ۋە بۆلگۈنچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاپتور ماقالىدە دائىرىلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، يەرلىك خەلقلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقى ۋە رايوندىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى جىددىي كۆپەيتكەنلىكىنى يازغان.
ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ئازادلىق» تىن كېيىن، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ھالبۇكى، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئېتنىك توپلۇق خىتاي ئارمىيەسى ۋە ج خ ئىدارىسىگە قەتئىي ئىشەنمەسلىك مەيدانىنى ئۆزگەرتمەي كەلدى.
«دىپلومات» تور ژۇرنىلىنىڭ باش شىتابى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىگە جايلاشقان.