دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇ-تۇققانلىرىنى نىشانلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى نىشانلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 7-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەگەر ئۇلار سۆزلەشنى توختاتمىسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاش بىلەن تەھدىت قىلىۋاتقانلىق» نى بىلدۈرگەن.

باياناتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى پارچىلاش خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئېغىر زۇلۇمنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ۋە بالىلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ياكى ئۇلارنى چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرىنى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ-چەت ئەل دوستلۇق جەمئىيىتى» قاتارلىق ئورۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قايتىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، بۇنى رەت قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردە گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئاخبارات يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى مىسال قىلىپ، ئۇنىڭ ئاپىسى 2018-يىلى لاگېردا جان ئۈزگەندىن كېيىن، 2019-يىلى 1-ئايدا خىتاينىڭ بىر تەشۋىقات ماقالىسىدىن دادىسىنىڭمۇ قازا قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، يەنە بىر ماقالىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ دولقۇن ئەيسانى ئەيىبلەشكە سېلىنغانلىقىنى ۋە يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ئىنىسنى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنى ئۆز تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە پاراكەندىچىلىدىكىدىن قوغداشنى تەلەپ قىلغان.