CNN نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئۇچۇر ئېلىش، يەنى جاسۇسلۇق قىلىش مەقسىتى بىلەن ئاز دېگەندە 8 ئامېرىكا تېلېگراف شىركىتىگە سىڭىپ كىرگەن.
ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ئاننى نېبېرگېر (Anne Neuberger) خىتاي خاككېرلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئون نەچچە دۆلەتكە خاككېرلىق ھۇجۇمى قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئۇچۇر ئېلىش، يەنى جاسۇسلۇق قىلىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 8 ئامېرىكا تېلېگراف شىركىتىنىڭ تور سىستېمىسىغا كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھازىر، بىز ھېچكىمنىڭ بۇنى سادىر قىلغان خىتايلارنى بۇ توردىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتكەنلىكىگە ئىشەنمەيمىز. . . شۇڭا ئۇلارنىڭ داۋاملىق ھۇجۇم قىلىش خەۋپى بار».
بۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنى چۆچۈتكەن ۋە كەلگۈسىدىكى ترامپ ھۆكۈمىتىگە جەڭ ئېلان قىلماقچى بولغان خىتاينىڭ خاككېرلىق ھۇجۇمى ھەققىدە قىلغان تۇنجى قېتىملىق ۋە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى ئىكەن.
CNN نىڭ ئىلگىرى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپ ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ۋەنىس قاتارلىق ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلىرى ۋە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنىڭ پېيىگە چۈشكەن.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى «جاسۇسلۇققا قارشى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى» نى تەستىقلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا رۇسىيە، خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر «بالايى ئاپەتنىڭ بېشى» دەپ قارالغان؛ رۇسىيە بىلەن خىتاي بولسا ئامېرىكىغا ئەڭ ئېغىر جاسۇسلۇق ھۇجۇمى قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.