خىتاي ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزايىنى ئىشلىتىشنى توختاتماقچى

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى خۇاڭ جيېفۇ، خىتاينىڭ بۇ يىل 11 - ئايدىن باشلاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنى ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشنى توختىتىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كەلگۈسى 2 يىل ئىچىدە كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىچكى ئەزالارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار ئارقىلىق قامداشتىن، ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش ئارقىلىق قامداشنى يولغا قويىدىكەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئەمەلىيلىشىشى گۇمانلىق، دەپ كۆرسەتمەكتە.

خۇاڭ جيېفۇنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2012 - يىلى ئېھتىياجلىق ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنىڭ 64 % نى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلاردىن قامدىغان. ئۇ، بۇنىڭ بۇ يىل 54% گە چۈشۈش ئېھتىمال بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ئادەم سانى دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھەر يىلى نەچچە مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئېھتىياجلىق ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان مەھبۇسلاردىن قامدىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

بەزى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1990 - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ ئىشلەتكەن.

ئامېرىكىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتان گۇتمان، ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، بۇ ئەھۋالنى پاش قىلغان ئىدى.