خىتايدا تاۋار ۋە مۇلازىمەت قىممىتىنىڭ چۈشۈشى خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ سىگنالى، دەپ قارالماقتا
2025.03.04
«بىرلەشمە ئاگېنتلىق» نىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغان پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى پۇل پاخاللىقى ئىقتىسادى ئېشىشنىڭ توختاپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
مەزكۇر خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىقتىسادنى ئومۇملاشتۇرغاندا، تاۋار ۋە مۇلازىمەت قىممىتى 2023- ۋە 2024-يىللىرى چۈشتى. بۇ 1960-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىقتىسادتىكى باھا ئۆزگىرىشىنىڭ ئەڭ كەڭ ئۆلچىمى بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى پۇل پاخاللىقى، ئالدىنقى پەسىلدىكى 0.5- پىرسەنتكە سېلىشتۇرغاندا 2024-يىلىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا 0.8- پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى».
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا مەۋجۇت بولغان پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا قىيىن ئەھۋالدا قالغان خىتاي ئىقتىسادى ۋە دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېڭى سودا ئۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىگە قارىتا يېڭى قارار ماقۇللىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ غايەت زور قەرزنى تۆلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىر تىرىللىيون 400 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈش پىروگراممىسىنى جاكارلىغان ئىدى.
ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى «رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى» ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈش پىروگراممىسىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان خىتاي ئىقتىسادىنى قۇتۇلدۇرالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئاجرىتىلغان بىر تىرىللىيون 400 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزنى قايتا پىلانلاپ تۆلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە پايدىلىق بىر پىروگرامما بولسىمۇ، ئەمما مېنىڭچە خىتايدىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە ئىستېمالغا تايانغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتتۇر».