ئامېرىكا پرېزىدېنتى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىدىغان ئىستراتېگىيە ھۆججىتىدە خىتاينى «ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچى» دەپ ئەيىبلەيدىكەن.
ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلىنغاندا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بولغان مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيىسى ھۆججىتى سابىق پرېزىدېنت رونالد رېگان دەۋرىدىن باشلاپ ھەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنت ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان رەسمىي ھۆججەت. بۇنىڭدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەندىشە قىلىدىغان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى شەرھلىنىدۇ ۋە بۇنىڭ ھەل قىلىنىش چارىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
بۇ ھۆججەتتىن خەۋەردار بىر نەچچە كىشى پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھۆججەتتىن خەۋەردار بىر كىشى مۇنداق دېگەن: «بۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيىسى خىتاينى ھەر جەھەتتىن بىر رىقابەتچى، دەپ شەرھلەيدۇ. پەقەت بىر رىقابەتچىلا ئەمەس، بەلكى بىر تەھدىت، دەپ. شۇڭا بۇ نۆۋەتلىك ھۆكمەتتىكى كۆپىنچە خادىملار خىتاينى بىر دۈشمەن، دەپ تونۇيدۇ.»
خەۋەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان پرېزىدېنت ترامپ خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ئامېرىكا تەرەپتە كۆرۈلىدىغان قىزىل رەقەم مەسىلىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ھەل بولمىغانلىقىدىن بارغانچە جىلە بولۇشقا باشلىغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ئىستراتېگىيە ھۆججىتىنى نازارەت قىلغان ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ھېربېرت رايموند مېكماستېر بۇ ھەپتە خىتاي ۋە رۇسىيەنى «خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۇلىنى كولايدىغان»، «رېۋىزىئونىست دۆلەتلەر» دەپ ئاتىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيە ھۆججىتىگە خىتايغا قارىتا قاتتىق ئىبارىلەرنىڭ كىرگۈزۈلۈشى كېلەر يىلىدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ داۋالغۇشلارنىڭ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
پرېزىدېنت ترامپ سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە، خىتاينى «ئىقتىسادىي دۈشمەن»، دەپ ئاتىغان ۋە ئەگەر پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىپ قالسا خىتايغا قارىتا قاتتىق ئىقتىسادىي سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن ئىدى.