خىتايغا ئىشپىيون بولغان FBI خىزمەتچىسى كۈن شەنچۈن سوتلاندى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمەتچىسى كۈن شەنچۈن (جوئېي چۈن) 1-ئاۋغۇست نيۇ-يوركتا خىتايغا ئىشپىيون بولۇپ ئىشلەش جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كۈن شەنچۈن 1969-خىتايدا تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن ۋە 1997 -يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىدە 19 يىل ئىشلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كۈن شەنچۈن ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئېلېكترلىك زاپچاسلار تېخنىك خادىمى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ FBI غا دائىر «قەتئىي مەخپىي ھۆججەتلەرنى كۆرۈش سالاھىيىتى» گە ئېرىشكەن ۋە بىر تۈركۈم رەسىم ۋە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى خىتاي جاسۇسىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن، دەپ ئەيىبلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ FBI ئىشلىگەن مەزگىلدە خىتاي دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى كىشىلەر ۋە شىركەتلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقان ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى ھەققىدە خاتا ئۇچۇر بەرگەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماتېرىيالىغا قارىغاندا، ئۇ 2011-يىلى چەتئەلدە ساياھەت قىلىش جەريانىدا بىر خىتاي ھۆكۈمەت خادىمى بىلەن ئۇچراشقان ۋە خىتاي خادىمى بىلەن مەخپىي ئۇچۇرلار ھەققىدە سۆزلەشكەندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ بىر مەخپىي خادىمىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىغان.

كۈن شەنچۈن 2013-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى بىر سخېمىنى يۇقىرىدىكى خىتاي خادىمىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن، 2015-يىلى مەزكۇر خىتاي خادىمغا يەنە FBI قوللىنىدىغان رازۋېدكا تېخنىكىسى تولۇق چۈشەندۈرۈلگەن ماتېرىياللارنى يوللىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 2015-يىلىدىن باشلاپلا كۈن شەنچۈننىڭ پېيىغا چۈشكەن ۋە بۇ يىل 16-مارتتا ئۇنى قولغا ئالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق جىنايەتلىرىنى ئىقرار قىلغان.

ئۇ، بۇ يىل 2-دېكابىر قايتا سوتلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ جىنايىتى ئەمەلىيلەشسە، 10 يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.