19-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان رەسمىي خەۋەرگە قارىغاندا، ئۆزىگە «مايك» (Mike) دەپ ئىنگلىزچە ئىسىم قويۇۋالغان ۋە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ياشايدىغان 64 ياشلىق سۇن ياۋنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. سۇن ياۋنىڭ ھەققىدە چىقىرىلغان ئەيىبنامىدە دېيىلىشىچە، ئۇ 2022-يىلى كالىفورنىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا رىقابەتچى نامزاتنىڭ سايلام تەشۋىقاتى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ ئورنىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، 17-دېكابىر كۈنى سۇنۇلغان، 19-دېكابىر كۈنى ئاشكارا ئېلان قىلىنغان جىنايى ئىشلار ئەيىبنامىسىدە، سۈن ياۋنىڭنىڭ كالىفورنىيەدە يەنە بىر خىتاي جاسۇسى چېن جۈن بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ يەرلىك سايلاملىرىغا قول تىقىش، ھەتتا ئۆزلىرىگە پايدىلىق دەپ ھېسابلىغان نامزاتلارنى يۆلەپ تۇرغۇزۇش سۇيىقەستىگە يول ئېچىشقا ئۇرۇنغان. چېن جۈن ئالدىنقى ئايدا پارىخورلۇق ۋە خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغان.
بۇ ھەقتىكى ئەيىبنامىدە سۇن ياۋنىڭ بىلەن چېن جۈننىڭ ئاستىرتىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ يەرلىك سىياسەتچىلەر قاتلىمى ۋە شەھەر سايلاملىرىغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقى، بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ يەرلىك سىياسەتچىلەرگە «تەسىر كۆرسىتىش» كە تىرىشقانلىقى، شۇنداقلا خىتاي ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى شىكايەت قىلىنغان. ئەيىبنامىدە بايان قىلىنىشىچە، سۇن ياۋنىڭ خىتاي جاسۇسى چېن جۈننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كالىفورنىيە شەھەر سايلىمىدا خىتاي تەرەپ كۆزلىگەن نامزاتنى «مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە يۆلەپ چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولغان». ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ نەتىجىسى ئۈچۈن خىتايدىن 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سۆيۈنچە تەلەپ قىلغان. كالىفورنىيەدىكى خىتاي باش كونسۇلى بىلەن قانچە قېتىملار ئايرىم ئۇچراشقان ۋە «غەلىبە زىياپىتى» يېيىشكەن. سۇن ياۋنىڭ ھەتتا 2023-يىلى 8-ئايدا خىتايغا بېرىپ، «يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلىرى» بىلەن كۆرۈشكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، سۈن ياۋنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى جىنايىتى ئۈچۈن يەنە 5 يىللىق قاماق جازاسىغا دۇچ كېلىشى ئېنىق ئىكەن. بۇ دېلو ئۈستىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ( FBI) يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
يېقىندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن دېلولار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرمەكتە. ئامېرىكادا ياشايدىغان «دېموكراتچى» خىتاي پائالىيەتچى تاڭ يۈەنجۈن بۇ يىل 21-ئاۋغۇست كۈنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغان ئىدى.