خىتاينىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە تەييارلىغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئامېرىكا نازۇك تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن ئىجرا قىلىنسا، خىتايدا سودا قىلىدىغان ئالما، مىكروسوفت قاتارلىق ئامېرىكا نازۇك تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ سودا مەخپىيەتلىك مەسىلىسىگە تاقىلىپ، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا تور بىخەتەرلىك، تېخنولوگىيە سىياسىتىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئىختىلاپىنى پەيدا قىلىدىكەن.
خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە، خىتايدىكى چەتئەل نازۇك تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ مەخپىي شىفىرلاش ئاچقۇچىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ، كومپيۇتېرىغا بىخەتەرلىك سۈڭگۈچى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
رويتېرسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا نازۇك تېخنىكا شىركىتىدىن بىر مەنبە، «بۇ خىتايدا سودا قىلىدىغان ھەر كىم ئۈچۈن بىر ئاپەتتۇر. بۇنىڭدا، سىز ھەرگىز> مەۋھۇم خۇسۇسى تور> قاناللىرىنىڭ ئۇلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايسىز. بىخەتەر سودا ئالماشتۇرۇشى ياكى ھەرقانداق شىركەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلىيالمايسىز. قانۇن ئارقىلىق ھېچقانداق مەخپىيەتلىكىڭىز قالمايدۇ» دېگەن.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ تۇنجى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى چارشەنبە كۈنى مۇزاكىرىگە قويغان. مەزكۇر قانۇن، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ، دەپ تەنقىد قىلىنغان.