خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 28-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرغا قامالدى، دېگەن خەۋەر پۈتۈنلەي ئىغۋا. شۇنداقلا ئەسىر ھالقىغان يالغانچىلىق،» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر قىسىم «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ توقۇپ چىققان بۆھتانلىرى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ مۇشۇ خىل «يالغان ئۇچۇر» لارنى كۆپلەپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇخبىرلارغا سوئال قويۇپ: «سىلەر نېمىشقا بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىمىزنى ئوقۇمايسىلەر؟» دەپ سوئال قويدى.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇ 28-دېكابىر كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ «ئامېرىكادىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ‹500 مىڭ ئۇيغۇر قولدا پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتناشتۇرۇلغان› دېگەن خەۋىرى پۈتۈنلەي يالغان» دېدى. شۇنىڭدەك بىڭتۇەنلەردە ماشىنا ئارقىلىق پاختا تېرىشنىڭ ئومۇملىشىپ بولغانلىقىنى، BBC ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ «ساقچىلار ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىزنىڭ سۈرەتكە ئېلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلدى» دېگەن بايانلىرىنىڭ يالغانلىقىنى «پاش قىلغان». شۇ قاتاردا بېرىلگەن «مەجبۇرىي ئەمگەك» ھەققىدىكى بايانلارنىمۇ پۈتۈنلەي يالغانغا چىقىرىپ «ئەنگلىيە مۇخبىرلىرى ئېيتقان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەممىسى ‹تەربىيەلەش› تىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئەمگەك قىلىشنى تەلەپ قىلغانلار،» دېدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايانلىرىنى كەسكىن تەنقىدلەپ: «خىتاي ھېلىھەم مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. مانا بۇ ھەقىقى يالغانچىلىق،» دېدى. يەنە بەزىلەر بولسا قولدا پاختا تېرىشقا دائىر شۇنچە كۆپ سىن ھۆججەتلىرىنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى مىسال قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان تاغدەك پاكىتلارنىمۇ ئىنكار قىلىشقا ئادەتلەنگەن،» دېدى.
