ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىر تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىككى نەپەر رەئىسىنى جازالىدى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 10-دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ يېڭى ئىمبارگو تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىغا چېتىشلىق بىر تېخنولوگىيە شېركىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر رەئىسىنى جازالىغانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم خىتاينىڭ SenseTime، يەنى «شاڭتاڭ تېخنولوگىيەسى» ناملىق سۈننىي ئىدراك تېخنىكا شىركىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ۋە سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىرغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «شاڭتاڭ تېخنولوگىيەسى» شىركىتى «نىشانلىق ھالدا ئېتنىك كىملىكىنى پەرقلەندۈرىدىغان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى بەلگىلەشنى نىشان قىلغان» يۈز تونۇش پروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئىكەن. سودا مىنىستىرلىقى يەنە بۇ شىركەتنىڭ يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرلار ساقال قويۇۋالغان، كۆز ئەينەك ياكى ماسكا تاقىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 8-دېكابىر «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىنغان. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قېتىم يەنە شوھرەت زاكىر بىلەن ئەركىن تۇنىيازنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈشىمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

شوھرەت زاكىر تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەركىن تۇنىياز مۇۋەققەت رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، «شۆھرات زاكىر بىلەن ئەركىن تۇنىياز بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ قامىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن» ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، شوھرەت زاكىر بىلەن ئەركىن تۇنىيازغا يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋىزا ئىمبارگوسى قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن.