ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە قارار لايىھەسى تونۇشتۇرۇلغان

23-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەجلىس ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلەش ۋە رايوندا ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتلەر ئۈستىدىن خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش يۈرگۈزۈش ھەققىدە بىر قارار لايىھەسى تونۇشتۇرغان.

دۆلەت مەجلىسى تور بېتىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى شەرقىي ئاسىيا تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان مىت رومنىي 23-مارت كۈنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىرىس كونس، ماركو رۇبىئو، ئېدۋارد ماركېي، بىل خاگېرتى ۋە تىم كەين قاتارلىقلار بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇ يەردە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خورلاش ۋە باشقا جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ھەققىدە بىر قارار لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى رومنېي مۇنداق دېگەن: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، بىز بۇ قارار لايىھەسى ئارقىلىق ئۇلارغا قىلىنغان جىنايەتلەر ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىمىز.»

بۇ ھەقتىكى باياناتتا يەنە يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كونس، ماركو رۇبىيو قاتارلىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتلەرنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە خىتاينىڭ چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.