بېلگىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «كەچقۇرۇن» (Le Soir) گېزىتىنىڭ 25-يانۋاردىكى ئوبزور ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېلگىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن سېتىۋالغان 30 نەچچە كۆزىتىش كامېراسى بېلگىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئاجرىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، يېقىندا بۇنىڭ جاسۇسلۇققا ئىشلىتىلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە غۇلغۇلا قوزغالغان.
ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، بېلگىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لۇدىۋىن دېفوندېر بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ «خىتايدىكى ‹داخۇا› ۋە ‹خىكۋىژىن› (Hikvision) شىركەتلىرى ياسىغان كامېرالارنى مىنىستىرلىكىمىز سېتىۋالغان ھەمدە ھەربىي قىسىملارغا تەقسىملەپ بەرگەن» دېگەن. ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ئامىل بۇ شىركەتلەر ياسىغان كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نازارەت مېخانىزىمىغا ۋە قىرغىنچىلىققا بىۋاستە خىزمەت قىلغانلىقى ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىل قىرغىنچىلىققا بىۋاستە ياردەملەشكەن بىر شىركەتنىڭ توۋارلىرىنى سېتىۋېلىش زادىلا ئەخلاقىي مىزانلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.
«خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئۆز تور بېتىدە ھەمبەھىرلىگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق جاسۇسلۇق مەركىزى ئىكەنلىكى ئالاھىدە يەر ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىڭىپ كىرىش ھەمدە يۇقۇرى پەن-تېخنىكا ۋاستىلىرى ئارقىلىق جاسۇسلۇق قىلىش قىلمىشلىرى ياۋروپا تەۋەسىدە بىرنەچچە قېتىم پاش بولغان ئىكەن. بۇ قېتىم بېلگىيە ھەربىي ساھەسىنىڭ خىتايدىن سېتىۋالغان كۆزىتىش كامېرالىرى ئۇلار ئۈچۈن قانداق يوشۇرۇن خېيىم-خەتەرلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى نۆۋەتتە كۆپلەپ مۇھاكىمە قىلىنماقتا ئىكەن.