خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئەسلىدە قەدىمىي «يىپەك يولى» بويىدىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەر ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ئالاقىنى ۋە ھەمكارلىقنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن ئىدى.
ئەمما تۈرلۈك مەلۇماتلار مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش دائىرىسىدىكى مۇھىم رايونلاردىن بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ سىياسەتنىڭ ئاساسىي مەنپەئەتدارلىرىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىشارەت قىلماقتا.
«خىتاي خەلق رادىيو ئىستانسىسى» نىڭ 23-ئۆكتەبىردىكى رۇسچە خەۋىرىدە ئۈرۈمچىدىكى «ئېما شىركىتى» نۇقتىلىق ھالدا تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەمەلىي ئۈنۈم سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. شىركەت دىرېكتورى چېن چياڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ «بىز ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆپلىگەن ھۇل مۇئەسسە قۇرۇلۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىمىز. ئۆزبېكىستاندىكى 440 مىليون سوملۇق كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ شىركىتى يېقىندا قازاقىستاندا ئۈچ مىليارد سوملۇق تاشيول قۇرۇلۇشىنى باشلايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىشچىلىرى ھەرقاچان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن توپلانغان خىتاي كۆچمەنلىرى بولۇپ، يەرلىك خەلقتىن ھېچقانداق ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىنمايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھالنى «ئىرقىي كەمسىتىش ھادىسىسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىلىنىشى» دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر قىسىم توقۇنۇشلارنىڭ مانا مۇشۇ خىل خىزمەت پۇرسىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.