قازاقىستان تاراتقۇلىرى قازاقىستانغا قانۇنسىز كىرگەن 150 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى خەۋەر قىلدى

قازاقىستاندىكى «قازتاغ» خەۋەر ئاگېنتلىقى 23-مايدىكى خەۋىرىدە، ئاستانا شەھەرلىك ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، قازاقىستانغا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن 150 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ بايقىلىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە قازاقىستانغا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن بۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «تۇلپار شىركىتى» نامىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بىر شىركەت ئارقىلىق قازاقىستانغا كىرگەنلىكى تىلغا ئېلىندى. خەۋەردە 2015-يىل 3-ئايدىن 2016-يىل 2-ئايغا قەدەر مەزكۇر شىركەت تەرىپىدىن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق قازاقىستانغا ئېلىپ كېلىنىپ، ئاستانا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلەر كىملىكى بېرىلگەن قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ 150 تىن ئاشقانلىقى بايان قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستان ساقچىلىرى بۇ خىتاي پۇقرالىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلىغان. مەزكۇر شىركەت بۇ كىشىلەردىن زور مىقداردىكى پۇل ئالغاندىن كېيىن، شىركەت نامىدا ساختا ماتېرىيال تەييارلاش يولى بىلەن بۇ قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەن. ھالبۇكى، خىتايدىن كەلگەن بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر قازاقىستانغا كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان ماتېرىيالدىكى خىزمەتلەر بىلەن ئەزەلدىن شۇغۇللانمىغان. مەسىلەن، بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى چېن رېخې ئىسىملىك بىرىنىڭ ئەسلى ماتېرىيالدىكى سالاھىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ شەخسى شىركىتىنى قۇرۇپ پۇل تېپىشقا كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.