خىتايدا كۆچۈرمىكەشلىك سەتچىلىكى ئاشكارىلانغان


خىتاينىڭ بۇ يىللىق دورا دۇكىنى ئېچىش رۇخسەتنامىسى ياكى كەسپىي كىنىشكا ئىمتىھانىسىدا 2 مىڭ 440 كىشىنىڭ كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ 28 - ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كۆچۈرمىكەشلىك ئىلغار تېخنىكىلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان. كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ ھەممىسى قۇلىقىغا مەخپىي ئاڭلاش ئۈسكۈنىسى بېكىتكەن بولۇپ، ئىمتىھاننىڭ جاۋابلىرى يىراقتىن رادىئو سىگنالى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىكەن. كۆچۈرمىكەشلەر قۇلىقىدىكى ئاڭلاش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق جاۋابلارنى ئاڭلاپ خاتىرىلەيدىكەن.

بۇ يىللىق دورا دۇكىنى ئېچىش رۇخسەتنامىسى ئىمتىھانغا 25 مىڭ ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئىمتىھان شىئەن شەھىرىدىكى 7 ئورۇندا ئېلىپ بېرىلغان.

ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، كۆچۈرۈش ئەھۋالى ھەممە ئىمتىھان مەيدانىدا كۆرۈلگەن. ھەتتا بەزى ئىمتىھان مەيدانىدىن بىراقلا 800 كۆچۈرمە كەش بايقالغان.

ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ تۇتۇلۇپ قالغانلار ئىككى يىلغىچە بۇ خىلدىكى ئىمتىھانغا قاتنىشالمايدىكەن.