يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى نېكۇلاس بېكۇلىن ئامېرىكىنىڭ «دىپلومات» تور ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەدەنىيەت، دىن ۋە ئېتنىك پەرقلەرنى يوقىتىش ئارقىلىق كۈچلۈك دۆلەت بولماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نىكولاس بېكولىننىڭ «خىتاي چۈشىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى: ئېتنىك كىملىكنى يوقىتىش» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي رەھبەرلىكى: «خىتاي دۆلىتىنىڭ كېڭىيىشى خىتاي چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان تارىخىي ھادىسە» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن.
ماقالىدا، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ مىللىي پەرق بولمىغان بىر پۇقرالىق تونۇشى بەرپا قىلىشتا مەدەنىيەت، دىنىي ۋە ئېتنىك جەھەتلەردىكى پەرقلەرنى يوقىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، دېگەنگە ئىشىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر ئېتنىك كىملىكنى سىستېمىلىق يوقىتىشتەك يۇقىرىقى ھۇجۇمنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا ئىكەن.
ماقالىدا، ھازىر يۇقىرىقى ئىككى مىللەتكە كەڭ قوللۇق قىلىدىغان ياسالما كۆرۈنۈشلەرنىڭ پۈتۈنلەي غايىب بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىنى «دۆلەتكە باغلىق بولۇش» نامىدا مەدەنىيەت ۋە دىنىي پەرقنىڭ جىنايەتلەشتۈرۈلۈشى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى پەرقلەرنى ۋە يول قويۇشنى رەت قىلىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلگەن، كۈچلۈك مىللىي كىملىك يارىتىشقا، كۆپ سانلىق مىللەتتىكى ئەندىشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇلارنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشقا ئىشەنسىمۇ، لېكىن ئۇلار خاتالاشماقتا ئىكەن. ماقالىدا بۇنىڭ سەۋەبى تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «بۇنىڭ جاۋابى ئەندىشە يارىتىش ۋە باشقىلارنى يوقىتىشتا ئەمەس. بەلكى ئۇلارغا تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكتۇر. دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۆز پۇقراسىدەك قارىشى، قانۇن ئالدىدا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى ئۇلاردا ئۆزىنى خىتاينىڭ پارچىسى، دەيدىغان تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ».
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلەتلەر كۆپ خىللىقنى قوبۇل قىلىش، پۇقرالىرىنىڭ ئىرقىي، مىللىتى، تىلى، دىنىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى پەرقىگە قارىماي ئۇلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قىلسا، ئۇلارغا قانۇن ئالدىدا باراۋەر مۇئامىلە قىلسا گۈللىنىدىغانلىقى، لېكىن ئۇلارغا بىر مىللىي كىملىكنى مەجبۇرىي تاڭسا، ئۇنىڭ توقۇنۇش، قالايمىقانچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق پاجىئەلىرىگە يول ئاچىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.