خىتاي خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە كۆپلەپ ئۇتتۇرۇشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.10.13

يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان خىتاي ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر ئىزچىل ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ساۋ جوڭمىڭ تىۋىتتېردا «ئۇيغۇرلاردەك بەختلىك خەلقلا مۇشۇنداق شادىمانلىق ئىچىدە ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ» دەپ ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ «مىلتىق سايىسىدىكى ئۇسسۇلى» ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابرۇيىنى تېخىمۇ چۈشۈرگەن.

«دۆلەت مەنپەئەتى» گېزىتىنىڭ 13-ئۆكتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان ئېلىزابېت براۋ ئىمزاسىدىكى ماقالىدە مۇشۇ مەسىلىنى يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە بارغانسېرى سەلبىيلىكنىڭ ئوبرازى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ ناتسستلار گېرمانىيەسى يەھۇدىيلار قامالغان لاگېرلاردىن تۇتقۇنلارنىڭ قانچىلىك شادىمانلىق ئىچىدە مۇزىكىدىن زوق ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۈرەتلىك خەۋەرلەرنى كۆپلەپ يوللىغان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدىغان ئىشلىرى بۇ قېتىمقى تاجسىمان ۋىرۇسىدا يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارا بولغان بولسىمۇ، ئۇلار تېزدىن «ۋىرۇس ئامېرىكادىن بىزگە تارقالغان بولۇشى مۇمكىن،» دەپ جاكارلىغان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاشۇ خىلدىكى ساختىپەزلىك ۋە نومۇسسىزلارچە يالغان ئۇچۇر تارقىتىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىن سەسكىنىش تۇيغۇسىنى سىناش رايى بۇنىڭ بىردەك 70 ياكى 80 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىسى بەك قويۇق بولغان ئىتالىيەلىكلەر ئارىسىدىمۇ بۇ نىسبەتنىڭ 62 پىرسەنت ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا كۆرۈپ تۇرغان ئەھۋالدا مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماش، ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىدىن قول ئۈزمەسلىك، خەلقنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىسى بولغان ھوللىۋۇد دۇنياسىغىچە سۈزگۈچ سېلىش دېگەندەك بىر قاتار قىلمىشلىرى بىلەن دۇنيانى ئالدىماقچى بولۇشى، ئۇنىڭ خەلقئارانىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى يىغىنىدىمۇ دۇنيا جامائىتى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە خىتاينى ئەيىبلەش تېمىسىدا ئىككىگە بۆلۈنگەن. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ئېشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتلەر سانىنىڭ ئازىيىپ مېڭىشىمۇ دەل مۇشۇ خىل سەسكىنىشنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.