خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش رەھبەرلىك ئىشخانىسى مەركەزنىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، 17-ماي كۈنى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ «تۆت تارىخ» نى ئۆگىنىش مائارىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقان. يىغىندا پارتىيە تارىخىنى مەركەز قىلغان «تۆت تارىخ» نى ئۆگىنىشنى ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
«تۆت تارىخنى ئۆگىنىش» دېگىنى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش، يېڭى خىتاي تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش تارىخىنى ئۆگىنىش، سوتسىيالىزملىق تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش» نى كۆرسىتىدىكەن. بۇ تارىخلاردا ئاساسەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «خەلقنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئەتى» ئۈچۈن قانداق كۈرەشلەرنى قىلغانلىقى سۆزلىنىدىكەن. پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ كۈرەش ھاياتى «تۆت تارىخ» نىڭ ئاساسىي لىنىيەسىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش «تۆت تارىخ» نى ئۆگىنىش دولقۇنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قوزغىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى بولۇپ، خىتاينىڭ مائارىپ ساھەسىدە سولچىل سىياسەتكە ئېغىۋاتقانلىقى ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىگە قاراپ چېكىنىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئالامىتى ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇنداق دولقۇننى پەيدا قىلغان ھامان ئۇيغۇر رايونىدا ئۇ ئەۋجىگە چىقىدىكەن، يەنى بۇ سىياسەت تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىنىدىكەن، شۇنداقلا ۋەزىپىلەر ئاشۇرۇپ ئورۇنلىنىدىكەن.
