مەبلەغ سالغۇچىلار خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن

خەلقئارادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار خىتايغا مەبلەغ سېلىشتىن ئۆزىنى تارتىپ، باشقا دۆلەتلەرگە يۈزلەنمەكتىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىپ بايقىشىچە، ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىق مەبلەغ سالغۇچىلار يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان قوش تەرەپلىك مەبلەغ ۋە ئالماشتۇرۇش سودا مەبلىغى قاتارلىق ساھەلەردە خىتايدىن ئۇزاقلىشىشقا باشلىغان. بۇ ساھەلەرگە سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ بىر قىسمى يەرشارى ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنلەش زەنجىرى ئورنىنى ئېلىۋاتقان مېكسىكا، ھىندىستان، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەلگەن. بۇندىن سىرت مەبلەغ سالغۇچىلار يەنە بىرازىلىيەدىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشىراق دۆلەتلەرنى تاللاۋاتقان بولۇپ، ياپونىيەمۇ شۇ دۆلەتلەر قاتارىدا ئىكەن.

نيۇ-يوركتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مالكولم دورسون رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە «خىتاينىڭ ئېكسپورت ئەۋزەللىكى تۆۋەنلىدى. بۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مېكسىكا، ھىندىستان ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بوشلۇقنى تولدۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ئېھتىياج كەلگۈسى ئون يىلدا بۇ خىل مەبلەغنىڭ يۆتكىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.» دېگەن.

يەر شارىۋىي تىجارەتكە ئائىت سانلىق مەلۇمات شىركىتى بولغان Refinitiv نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە خىتايغا مەركەزلەشكەن قوش تەرەپلىك مەبلەغنىڭ 674 مىليون دوللارلىق قىسمى يوقالغان بولسا؛ تەيۋەن، كورېيە ۋە ھىندىستاندىكى شىركەتلەر 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 1 مىليارد دوللارلىق ساپ كىرىم رېكورتى ياراتقان. بۇندىن باشقا يەنە 10 چوڭ خىتاي مەركەزلىك قوش تەرەپلىك مەبلەغنىڭ كۆلىمى 2021-يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى چەكتىن 40 پىرسەنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن باشلانغان بۇ يۈزلىنىش، پرېزىدېنت جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى جازا تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن.