سىنگاپور ھۆكۈمىتى خىتايدا ياسالغان ۋاگون دەز كەتكەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى

سىنگاپور ۋە خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، سىنگاپور ھۆكۈمىتى خىتايدا ياسالغان پويىز ۋاگونلىرى دەز كەتكەنلىكى ئۈچۈن، قايتا رېمونت قىلىش ياكى باشقىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە نەقىل ئېلىنىشىچە، ۋاگونلارنىڭ سانى ھەققىدە سىنگاپور تاراتقۇلىرى ۋە خوڭكوڭ تاراتقۇلىرى ئوخشىمىغان ساننى ئېلان قىلغان. سىنگاپور بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە خىتايغا قايتۇرۇلغان ۋاگون 26، دەپ ئېلان قىلىنغان بولسا، خوڭكوڭ «فاكىس» ئاگېنتلىقى 35 ۋاگوننىڭ خىتاينىڭ چىڭداۋدىكى شىركىتىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ «فاكس» ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، بۇ 35 دانە ۋاگوننىڭ 22 سىنىڭ 2009-يىلى چىڭداۋدىن سىنگاپورغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، 2011-يىلى سىنگاپور ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى شىركەتتىن يەنە 13 ۋاگوننى ئىمپورت قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ۋاگونلاردا 2013-يىلدىن باشلاپ دەز كېتىش قاتارلىق سۈپەت مەسىلىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن، بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتقان سىنگاپور ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋاگونلارنى خىتايدىكى ئەسلى شىركەتتىن قايتا رېمونت قىلىش ياكى ئالماشتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.