ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك رەستىلىرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر ساياھەتچىلىرى» ئۈچۈن پەردازلانماقتا

خىتاينىڭ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇنى بىلەن تەڭ باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر كونا مەھەللىلىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتىش ھەركىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي قول ھەنەرۋەنلىك رەستىلىرىمۇ ئامان قالمىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قول-ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە قول ھەنەرۋەنلىرىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداپ كەلگەن بۇ رەستىلەر ئۆزگەرتىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر ساياھەتچىلىرى» نىڭ كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي پايتەختلىرىدىن بىرى بولغان يەركەندىكى قازانچى مىسكەرلىك رەستىسىمۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ قېتىمقلىق بۇزۇپ-ئۆزگەرتىش ھەركىتىدىن ساق قالمىغان. «خىتاي خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە مەزكۇر مىسكەرلىك بازىرى ئ‍ۆزگەرتىلىپ، خىتاي «ۋەتەنپەرۋەر ساياھەتچىلىرى» نىڭ ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق «يېڭى تۈسكە» كىرگۈزۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونا مەھەللە ۋە بازار-رەستىلىرىنى چېقىپ-ئ‍ۆزگەرتىش ھەركىتى باشلىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە كونا مەھەللىلىرى ۋە بازار-رەستىلىرىنى چېقىشنى نىشان قىلغان ئىكەن

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ قۇرۇلۇشنى «كونا مەھەللە ۋە بازار-رەستىلەرنىڭ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان» دېسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تارىخىي مىراسلىرىنى كۆزدىن يوقىتىش ئىكەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، «يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ھەر بىر ئائىلىگە 30 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىپ، قايتا قۇرۇش، كۈچەيتىش، رېمونت قىلىش، گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق بۇ «تولۇقلىما پۇل» نى قانداق شەرت بىلەن بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن.