ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
2013.09.30
بۈگۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىمگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋاشىنگىتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا توپلىنىپ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى نامايىش باشلىنىشىدىكى باياناتىدا، خىتاي تەنتەنە بىلەن تەبرىكلەۋاتقان بۇ كۈننىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر ئازاپ - ئوقۇبەتلىك كۈنلىرىنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئازاپ - ئوقۇبەتنىڭ ھېلىمۇ ھەسسىلەپ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
نامايىشچىلار مۇستەملىكىچىلىككە ۋە دۆلەت تېررورىغا قارشى شۇئارلارنى توۋلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدا زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە بولغان ھۆرمىتىنى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ - نەپرەتلىرىنى بايان قىلىشتى. نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 4كە قەدەر ئىككى سائەت داۋاملاشتى. بۇ ھەقىتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئاڭلىتىشلىرىمىز داۋامىدا تەقدىم قىلىمىز.