چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتقا قارىغاندا، خىتايدا ياسالغان ئېغىر خۇمار قىلىش خاراكتېرىدىكى قانۇنسىز ئاغرىق توختىتىش دورلىرى پوچتا يوللانمىلىرى ئارقىلىق ئامېرىكىغا كىرىشكە باشلىغان.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەجلىسى دائىملىق ئىشلارنى تەكشۈرۈش كومىتېتى بىرلىشىپ بىر يىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرىقى دوكلاتنى ئېلان قىلغان.
ئۇلار دوكلاتىدا ئامېرىكا پوچتا دائىرىلىرىنى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئىشقا سېلىپ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.
ئۇلارنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا «فانتانىل» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىستېمال قىلغۇچىنى ئاسانلا خۇمار قىلىپ قويىدىغان بولۇپ، بۇلارنى ئامېرىكىدا تۇرۇپ خىتاي بازىرىدىن زور مىقدار ئاسانلا سېتىۋالغىنى ۋە پوچتا ئارقىلىق ئامېرىكىغا قانۇنسىز ئېلىپ كىرگىلى بولىدىكەن.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلىلا خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن بۇ خىل دورىلارنىڭ ئىش قوشۇپ ياسالغانلىرىنى 3-شەخسنىڭ قولىدىن سېتىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانى 20 مىڭغا يەتكەن.
دوكلات تەييارلىغۇچىلارنىڭ رويتېرسقا بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچىلەر دورىلارنى تىز يوللانما بىلەن يوللاشنى ئەۋزەل كۆرىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش خىتايدىكى يۈزلىگەن مال تەمىنلىگۈچىلەر ئىچىدىكى پەقەت ئالتىسىغىلا مەركەزلەشكەن. ئۇلار خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىر يىل جەريانىدا كوچا باھاسى 700 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان 500 قېتىم مال ئوبوروتى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى 2017-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتايدىن سېتىۋېلىنغان «فانتانىل» پاراشوكلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك كرىزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.