خىتايدىكى بالىلار ياشانغانلار ئارىسىدا شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان سىرلىق بىر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى ئامېرىكىنىڭ ئوھايو ۋە ماسساچۇسېتس شىتاتىدا بايقالغان.
ئامېرىكىنىڭ «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» (News Week) تورىنىڭ 1-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوھايو شىتاتىدا بالىلار ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان يەنى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۇ ئىشتاتتا تارقالغان. بۇ ئۇچۇر ئوھايۇ ئىشتاتىدىكى سەھىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ماسساچۇسېتس شىتاتىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلدارلار بۇ ئەھۋاللارنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئوھايو شىتاتى ۋاررېن ناھىيەلىك سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنىگە قەدەر، 3 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلار ئارىسىدا ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار 145 بولۇپ، ئوھايو سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا بۇ بىر يۇقۇملۇق كېسەللىك ئىكەن.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايدىكى بالىلار ۋە ياشانغانلار ئارىسىدا تارقالغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ شىددەت بىلەن تارقىلىشى، بولۇپمۇ خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يېتەرلىك ئورتاقلاشماسلىقى، ئۈچ يىل بۇرۇنقى كورونا ۋىرۇسىغا ئوخشاش ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىش ئەندىشىسىنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.
«دەۋر گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ «ئۆپكە ياللۇغى» ياكى «تارقىلىشچان زۇكام» توغرىسىدا خەۋەر بېرىشىگە يول قويمىغان. خىتاي سەھىيە تارماقلىرى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلارنىڭمۇ بۇ يۇقۇم توغرىسىدا خەۋەر بېرىشى چەكلەنگەن.
«ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار خەۋىرى» گە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ، سىنس ۋەنىس، رىك سىكات ۋە تومى تۇبىرۋىل قاتارلىقلار پىرېزىدېنت بايدىنغا خەت ئەۋەتىپ، خىتايدا تارقالغان بۇ ۋىرۇس توغرىسىدا ئېنىق ۋە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېرىشمىگۈچە، خىتايغا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى پىرېزىدېنت بايدىنغا مۇنداق دەپ يازغان: «نامەلۇم نەپەس يولى كېسەللىكلىرى خىتايدا تارقالغانلىقى ئۈچۈن، بىز سىزنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەتنى دەرھال چەكلەشكە چاقىرىمىز.»