خىتاي پاي چېكى 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تۆۋەنلەشكە دۇچ كەلدى

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 9-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي پاي چېكى بازىرى 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور تۆۋەنلەشكە دۇچ كەلگەن ھەمدە خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى غايەت زور دەرىجىدە ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاباسىدىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىقتىسادىي چېكىنىش ۋەزىيىتىنى ئوڭشاشتىكى ئەڭ زور تەدبىر سۈپىتىدە «ئىقتىسادىي رىغبەت» سىياسىتىنى يولغا قويغان. بۇنىڭدا «خىتاي خەلق بانكىسى» ئۆي-مۈلۈك قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى زاكالەت پۇل مىقدارىنى ئازايتىش ۋە بانكا قەرزىنىڭ ئۆسۈمىنى چۈشۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شەخسلەرنىڭ قەرز ئارقىلىق پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىشى مەنئى قىلىنغان. ھالبۇكى بۇ تەدبىرلەر ئىجرا بولۇپ، ھەپتە ئۆتكەندە خىتاي پاي چېكى بازىرىدىكى زور تۆۋەنلەش بارلىققا كەلگەن. بۇ خىل تۆۋەنلەش شېنجېن، شاڭخەي ۋە خوڭكوڭ پاي چېكى بازىرىدا ئەڭ روشەن بولغان.

پاي چېكى بازىرىدىكى بۇ خىل تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى ھەققىدە كۆپچىلىككە چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 12-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي مالىيە مىنىستىرى لەن فوەننىڭ ئىشتىراكىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بازار ئىقتىسادى بويىچە مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدىغان رىچارد خانتېر (Richard Hunter) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ خىتاي پاي چېكى بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى «مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان ئۈمىدسىزلىكى» دەپ خۇلاسىلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلى ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىنى بەش پىرسەنتكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئايدىڭلىشىپ قالغان. تېخىمۇ مۇھىمى نۆۋەتتە خىتايدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاللىقاچان 20 پىرسەنتكە يېقىنلاپ قالغان.