شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور سۈن ۋېنگۇاڭ ئۆزىنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە مۇستەقىل نامزاتلىققا كۆرسەتمەكچى بولغىنى ۋە بۇ مەقسەتتە ئېلىپ بارغان تەشۋىقات پائالىيىتى سەۋەبلىك ساقچىلار تەرىپىدىن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.
4 سوتكا ئۆيىدىن تالاغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان سۈن ۋېنگۇاڭ بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نەزەربەندنىڭ تۆتىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن نازارەتنىڭ بىرئاز بوشىغانلىقىنى، بىر قېتىم ئۆيدىن تالاغا چىقىش پۇرسىتى بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋابەن، ئۆزىنىڭ 82 ياشتا تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن بۇنداق خەتەرلىك بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ھاياتى بويى ئەركىن بىر سايلامنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي يولغا قويۇۋاتقان نامزات تەيىنلەش ئۇسۇلىنىڭ خىتاي خەلقىنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ساختا سايلىمىغا قارىتا قارشى نەپرىتى ۋە مەيدانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈنلا ئۆزىنى مۇستەقىل نامزاتلىققا تىزىملىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزى ھەققىدە تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىۋاتقان چېغىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆز ئۆيىگە سولاپ قويۇلغان.
پروفېسسور سۈن ۋېنگۇاڭ 3 يىلنىڭ ئالدىدا، رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان سىياسىتىدىن نومۇس قىلىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى سىياسەتلەرنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
