خىتاي ھۆكۈمىتى قۇملۇقىنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇنلاشتۇردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.12.02

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇملۇقنى تىزگىنلەش قانۇنى› نى يولغا قويۇش چارىسى» نى 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغان بۇ قانۇن چارىلىرى «قۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملىشىپ كەتكەن تۇپراقنى ياخشىلاش، قۇمساڭغۇ تۇپراقتىن پايدىلىنىش، قانۇنىي مەسئۇلىيەت» ۋە باشقا قوشۇمچە ماددىلاردىن تەشكىل تاپقان.

خىتاي تاراتقۇلىرى 28-نويابىر چىقارغان خەۋەردە، 40 يىل «كۈرەش» قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىغا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن «قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش توسۇقى» بەرپا قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ 3046 كىلومېتىرغا يەتكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغانىدى. ئارقىدىنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى «قۇملۇقنى تىزگىنلەش قانۇنى» غا يېڭى ماددىلارنى قوشۇپ، بۇ «نەتىجىلەر» ۋە «غەلىبە مېۋىلىرىنى مۇستەھكەملەش» نى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، 1950-يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ بوز يەر ئېچىش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئورمانلار ۋەيران قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان ھەمدە تۇپراقنىڭ چۆللىشىش كۆلىمى كېڭەيگەن. پەقەت يېقىنقى 40 يىل ئىچىدە قۇملۇقنى تىزگىنلەش ئېھتىياجى تۇغۇلغانلىقى، جەنۇبقا كېڭەيگەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ۋە نوپۇسنىڭ زىچلىشىشى بىلەن بۇ رايونلارنى تىزگىنلەشكە ئىمكانىيەت بولغانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدىن، خىتاينىڭ بىڭتۈەننى جەنۇبتا كېڭەيتىش ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ رولىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن يۆتكەش ئۈچۈن قۇملۇقنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ھەققىدە ئىزدەنگەن تەتقىقاتچى دەررېن بايلېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدەك مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىتى بەرپا قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇزۇش؛ تەقدىم قىلىش ئەمەس، بەلكى ئېلىش، يەنى بايلىق بۇلاش بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇستەملىكىچىلەر ھەر دائىم ئۆزى بېسىۋالغان زېمىندىن پايدىلىنىشنى ئىزدەيدۇ ۋە ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدۇ؛ يەرلىك ئاھالىلەر بولسا بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسىنى كۆرەلمەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.