گېنېرال مارك مېيلى: «خىتاي ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ گېئو- سىياسىي رەقىبىدۇر»

ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرى شتاپ باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گېنېرال مارك مېيلى خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ گېئو-سىياسىي رەقىبى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئارىدا ھەربىي جەھەتتىن ئامېرىكاغا بېسىم پەيدا قىلىشقا قاتتىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن گېنېرال مېيلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكامۇ جىم تۇرمىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ بولۇش غەرىزىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا قاراپ تۇرمايدىكەن.

گېنېرال مارك مېيلى 16-نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى لىلويد ئائۇستېن بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان يېڭى دۆلەت مۇداپىيە ئىستىراتېگىيەسىدە خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئەڭ تەھدىت، دەپ قارالغانلىقىغا چۈشەنچە بەرگەن.

گېنېرال مارك مېيلى مۇنداق دىگەن: «بىز بۇ ئارقىلىق نېمە دىمەكچى، بىز خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا گېئو-سىياسىي جەھەتتىن جىددىي خىرىس پەيدا قىلىش يوشۇرۇن كۈچى بار بىردىن-بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتماقچى. ئۇلار بۇنىڭدا نۇپۇس، تېخنولوگىيە، ئىقتىساد ۋە باشقا بىر قاتار ئامىللارغا تايانماقتا. خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ گېئو-سىياسىي خىرىس پەيدا قىلدى. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ نىشانىغا يېتىشتە ئىككىنىپ باقمىدى. ئۇلار بۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە، يەنى 2049-يىلغىچە دۇنيانىڭ 1-نومۇرلۇق كۈچى بولۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي يېقىندىن بېرى بۇ نىشانغا يېتىش قەدىمىنى تېزلەتكەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى 2030-يىللاردا ياكى 2030-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامېرىكانى بېسىپ چۈشىدىغان رايون خاراكتېرلىك ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇ نىشانغا يېتىشنى تېخمۇ ئالدىغا سۈرۈپ، بۇنى 2027-يىلى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. لېكىن مارك مېيلى، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ دۇنيادىكى 1-نومۇرلۇق كۈچلۈك دۆلەت بولۇش غەرىزى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن جاپالىق ئىشلىمەكتە، بىراق بىزمۇ جىم ياتمىدۇق، بىزمۇ تىرىشىۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، كىشىلەر تەنقىد قىلسىمۇ، لېكىن ھازىر ئامېرىكا ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ ئەجەللىك ئۇرۇش ماشىنىسىدۇر.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئورنىنى ساقلاپ قالىدىكەن، شۇنداقلا خىتاي ھەربىي جەھەتتىن ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن كۈچلۈك بولالمايدىكەن. ئۇ: «خىتاي تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، بىراق بۇ نۇقتىغا بارالمايدۇ» دېگەن.

گېنېرال مارك مېيلى بۇ سۆزلەرنى پرېزىدېنت بايدېن بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ 14-نويابىر كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئەسناسىدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېيتقان.