ئامېرىكا دولەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى 14-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىيلەرگە چېتىشلىق يەنە 9 شەركىتىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ 9 شىركەتنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ داڭلىق ئەقلىي تېلېفون شېركىتى شياۋمىمۇ بار ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «مىنىستىرلىقىمىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي-پۇقرا بىرىكمە تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ ئىستىراتېگىيەدە بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېرىشكەن ئىلغار تېخنىكا، تەجبىربە ۋە تەرەققىياتى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋېلىشىش تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى پۇقراۋى شېركەتلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات پروگراممىلىرىدەك كۆرسىتىپ كەلدى،» دېيىلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن 9 شىركەت شياۋمى، لوكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى، خىتاي دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى، ئىلغار مىكرو توقۇلما ئەسۋابلىرى شىركىتى، گوۋېن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئامېرىكادىكى CNBC قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى شياۋمىنىڭ ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى 10. 6 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن.
خىتاينىڭ بېيجىڭغا جايلاشقان مەزكۇر شىركىتى 2020-يىلى دۇنيادىكى 3-چوڭ ئەقلىي تېلېفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولۇپ باھالانغان ئىدى. ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، شياۋمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان 82 داڭلىق خەلقئارا ماركىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئاشكارلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دولەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارارىدىن كېيىن، ئامېرىكالىقلارنىڭ بۇ شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشى ياكى ئۇلارنىڭ پايچېكىنى سېتىۋېلىشى چەكلىنىدىكەن.
