ئەنگلىيەلىك جەمئىيەتشۇناس ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى جوئاننې سىمىت-فىنلەي 15-ئىيۇن كۈنى ئەنگلىيەدىكى نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئاسىيا دىيالوگى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
«شىنجاڭدا ئىسلام: ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق› نى تۈگىتىشمۇ ياكى دىنىي ساھەگە زوراۋانلىق قىلىشمۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدا 2017-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولانغانلىقى ۋە «سىياسىي ئۆگىنىش» دېگەن نامدا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، قەدىمىي مەدەنىيەتكە ۋە ئۆزلۈك تۇيغۇسىغا ئىگە ئۇيغۇردەك بىر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنغان.
ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، «قۇرئان كەرىم» ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى، ئابدۇرەھىم ھېيتقا ئوخشاش ئۇيغۇرلار ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكارلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ھەتتا خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە يەرلەشتۈرۈلۈپ نازارەتچىلىككە قويۇلغانلىقى بىرمۇ-بىر ساناپ ئۆتۈلگەن.
ماقالىدا يەنە تەتقىقاتچى دەيۋىد بروفېينىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتىنىڭ 1997-يىلىدىكى «غۇلجا ۋەقەسى» دىن كېيىن دراماتىك يوسۇندا ئۆزگەرگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ 1950-يىللاردىكى مىللىي سىياسىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن.
جوئاننې سىمىت-فىنلېي ئەنگلىيەدىكى نيو-كەسۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى ۋە خىتايچە ئوقۇغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى مىللىي كىملىك كرىزىسى ھەققىدە نەچچە ئونلىغان ماقالە ۋە كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان.