سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە چېگراداش تاجىكىستاندا قۇرۇۋاتقان مەخپىي ھەربىي بازىسىنى ئاشكارىلىغان.
ئەنگلىيە «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەخپىي ھەربىي بازا تالىبانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافغانىستاندىن كېلىدىغان بىخەتەرلىك خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن. پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ۋاخان كارىدورىغا چىقىش نۇقتىسىغا قۇرۇلۇۋاتقان دېڭىز يۈزىدىن ئاز كەم 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ مەخپىي ھەربىي بازا، خىتاي بىلەن تاجىكىستاننىڭ 2016-يىلى ئىمزالىغان خەۋپسىزلىك كېلىشىمىگە ئاساسەن قۇرۇلماقتا ئىكەن. تاجىكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم 2021-يىلى تاجىكىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، بۇ كېلىشىم بويىچە مەزكۇر ھەربىي بازىنىڭ كونتروللۇقى خىتاي ئارمىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي ياردىمى بەدىلىگە تاجىكىستان بۇ بازىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىجارە ھەققىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ھالبۇكى، «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ھازىرغا قەدەر تاجىكىستان ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى بۇ ھەربىي بازىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان، ئەمما سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر ھەربىي بازا قۇرۇلۇشى، جۈملىدىن ھەربىي بازىغا بارىدىغان يول قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىم سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. خەۋەردە، تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك شېرىكى بولغان رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا پېتىپ قالغان بىر پەيتتە، بېيجىڭنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى قوشنا دۆلەتلەرگە كېڭەيتىشىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ 4-ئىيۇل كۈنى تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىپ، تاجىكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي، تاجىكىستان تاشقى قەرزنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، خىتاي يەنە 90 پىرسەنتى تاغلىق بولغان بۇ دۆلەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كان ئېچىش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قىلىش ھوقۇقلىرىغا ئېرىشكەن. خەۋەردە، تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادتا خىتايغا بېقىنىپ قېلىشى «ئاخىرىدا سىياسىي بېقىندىچىلىق ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى بېقىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ تەنقىدلىنىۋاتقانلىقى، تەنقىدچىلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتاي تاجىكىستاندىكى مەبلىغىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، تاجىكىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.